ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى كشىلەر بولۇشى دىققەتنى تارتتى

ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا يۈرگۈزۈش تىزىملىكىدىكى كىشىلەر بولۇشى كشىلەر بولۇشى دىققەتنى تارتتى.

1688451
ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى كشىلەر بولۇشى دىققەتنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى تەرىپىدىن بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەن مۇھەممەد مۇخبىر بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن غۇلام ھۈسەيىن ئىسمائىلنىڭمۇ رەئىسىگە ئوخشاشلا جازا تىزىملىكىدە ئىسمى بار كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى تەرىپىدىن بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەن مۇخبىرنىڭ ئىسمى 2021-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىسمائىلمۇ 2011 – يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، 2021-يىلى 1-ئايدىكى باياناتىدا، ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنىينىڭ قول ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغان مۇھەممەد مۇخبىر رىياسەتچىلىكىدىكى ئىمام خومەينىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش مەركىزىنىڭ «سىياسىي ئۆكتىچىلەر، دىنىي ئاز سانلىقلار ۋە مۇساپىرلار»نىڭ يەر – زېمىن ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىمۇ «ساياھەتنى چەكلەش ۋە مۈلۈكنى توڭلىتىش» قاتارلىق قارارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازانىڭ مۇددىتىنىڭ 2022-يىلى 13-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت رەئىسى بولسا، 2019-يىلى نويابىردا «1979-يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە 2009-يىلدىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى» سەۋەبلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر