ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

1688788
ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا «خەتەرلىك ئۇچرىشىشلار» ۋە ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرى» نى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر توقۇنۇشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سودا ئۈچۈن جىددىي يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

بلىنكېن، ھىندىستان بۇ ئاي رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دېڭىز كۆچمەنلىكى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، دېڭىزچىلىق بەلگىلىمىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا «خەتەرلىك ئۇچرىشىشلار» ۋە «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى» نى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ، خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان بايلىقىغا كىرىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان «قانۇنسىز» ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر توقۇنۇشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سودا ئۈچۈن جىددىي يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دەي بىڭ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوتلار ۋە ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ «ئىغۋاگەرچىلىك» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە قارىتا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، دېڭىزلاردىكى ئىختىلاپلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر رامكا بېكىتىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

خىتاي، بىر تەرەپتىن، 1947 – يىلى ئېلان قىلغان خەرىتە ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ % 80 تى ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن، يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان رايوندا، خىتاي بىلەن فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېيتنام، برۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر