ناسا مارسقا تەييارلىق خىزمىتىدە ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغان 4 پىدائىي لازىملىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) مارسقا تەييارلىق خىزمىتىدە ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغان پىدائىيلارنى ئىزدىمەكتە.

1687458
ناسا مارسقا تەييارلىق خىزمىتىدە ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغان 4 پىدائىي لازىملىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ئېلان ئارقىلىق مارسقا ئوخشاش مۇھىتتا بىر يىل ياشاشنى خالايدىغان تۆت پىدائىيغا ئېھتىياج بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

30 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، ئىلىم-پەن، ئىنژېنېرلىق ياكى ماتېماتىكا ساھەسىدە ماگېستېرلىق قىلغان ۋە ياكى ئۇچقۇچىلىق تەجرىبىسى بولغان كىشىلەرنىڭ تاللىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىدائىيلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ياخشى بولۇشى، ئوزۇقلۇق مەسىلىسى بولماسلىقى، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نامزات بولالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تاللانغان 4 كىشى تېكساس ئىشتاتىدا «مارس دۇن ئەلفا» دەپ نام بېرىلگەن  1700 كۋادرات مېتىرلىق جايدا 1 يىل ياشايدۇ.

قىزىل پلانېتىدا قۇرۇلماقچى بولغان مودۇلنىڭ جانلاندۇرۇلغان بۇ تەجرىبە رايونىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تېخنىكا بىلەن تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىدائىيلارنىڭ تەجرىبە رايونىدا كۆنگەن راھەتنى تاپالمايدىغانلىقى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقى، پىدائىيلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە پۇل ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مارسقا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ جايدا تۆت كىشىلىكتىن ئايرىم ئايدىم ئۈچ گۇرۇپپنىڭ  ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى، بىرىنچى گۇرۇپپىنىڭ كېلەر يىلى كۈزدە ۋەزىپىسىنى باشلىشى پىلانلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ھۇستوندىكى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجرىبىلەر ئارقىلىق مارستا خىزمەت قىلىدىغان ئەترەت دۇچ كېلىش ئھېتىمالى بولغان جىسمانىي ۋە روھىي مەسىلىلەر تەتقىق قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر