ئامېرىكاغا ئائىت 130 مىليون دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت 130 مىليون دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن شىمالىي داكوتا رايونىدا چۈشۈپ كەتتى.
1687076
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: « Global Hawk» ناملىق 130 مىليون دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تېخنىكىلىك كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئارقىدىنا نەق مەيداندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىزگىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 18 ئاي ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەن 3 – ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھېسابلىنىدىكەن.