ئۆيىدىن تانكا تېپېلغان بىر كىشىگە ئېغىر جەرىمانە قويۇلدى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھېيكېندروف (Heikendorf) بازىرىدا ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدىن ناتسىستلار دەۋرىگە ئائىت پانزېر تانكىسى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1685477
ئۆيىدىن تانكا تېپېلغان بىر كىشىگە ئېغىر جەرىمانە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھېيكېندروف (Heikendorf) بازىرىدا ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدىن ناتسىستلار دەۋرىگە ئائىت 1943-يىلى ياسالغان پانزېر تانكىسى چىقتى.

نام-شەرىپى ئاشكارىلانمىغان بۇ كىشى، ئۇرۇش قوراللىرىنى كونترول قىلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 400 مىڭ دوللار رېكورت سەۋىيەدە جەرىمانە قويۇلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، 84 ياشلىق مەزكۇر كىشىنىڭ ئىسكىلاتىدىن تانكىدىن باشقا، ئايروپىلان ئاتار، ھەر خىل مىلتىق ۋە تاپانچىلارمۇ تېپىلغان بولۇپ، ناتسىستلار دەۋرىگە ئائىت تۈرلۈك قوراللارنىڭ بولۇشى سەۋەبىدىن 14 ئاي كېچىكتۈرۈلگەن قاماق جازاسى بېرىلگەن.

ئېغىرلىقى 50 توننا، ئۇزۇنلۇقى 6.7 مېتىر كېلىدىغان تانكىنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىشقا، توققۇز سائەت ۋاقىت كەتكەن.

مەزكۇر كىشىنىڭ ئادۋوكات تانكىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تۆمۈر-تەسەكنىڭ ئورنىدا سېتىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما رايون مەسئۇللىرى بۇنى رەت قىلدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1945-1939) مەزگىلىدە پانزېر تانكىسى ئوق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن گېرمانىيەنىڭ ككز قارىچۇقى ھېسابلىناتتى.

«گېرمانىيە رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيەلىرىگە قارشى تېخىمۇ كۆپ پانزېر تانكىسى ياسىغان بولسا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلاتتى» دېگەن قاراشلارمۇ تارقالدى.

بۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكادىكى بىر مۇزېيى گېرمانىيەلىك كىشىنىڭ ئىسكىلاتىدىن تېپېلغان پانزېر تانكىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر