ئافغانىستان پىرېزىدېنتى خەلقنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ھازىر بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىككە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1684208
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى خەلقنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، تالىباننىڭ تىنچلىق ۋە مۇزاكىرە ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن نۇرغۇن پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زور قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىققا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تالىبان ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ نىيىتىدە فىتنە بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھۇجۇملارغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ھازىر بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلەش ۋاقتى ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چىڭ ئىتتىپاقلىشىش ۋە باراۋەرلىك كۈنىدۇر. ھەر قانداق سەلبىي كۈچكە بويۇن ئەگمەيمىز. تالىبان يا ھەقىقىي مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرىدۇ ياكى ئۇرۇش مەيدانىدا تىزلىرى سۇنىدۇ. بىز تاللايدىغاننى تاللىدۇق، ئەمدى تالىبان تاللىسۇن» دېدى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىز ھالدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، تالىبان 407 ناھىيەنىڭ 150 دىن كۆپىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ئافغانىستاندا 34 ۋىلايەت مەركىزى ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ كونترولىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر