بېيجىڭدا ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى قايتا يولغا قويۇلدى

خىتاي پايتەىتى بېيجىڭدا قاتناشقا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى رامكىسىدا بەزى چەكلىمىلەر يولغا قويۇلدى.

1684258
بېيجىڭدا ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى قايتا يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتىنىڭ بېيجىڭدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، شەھەرگە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرى، پويىز ۋە ئاپتوبۇس قاتناشلىرى توختىتىلغان.

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نەنجىڭ شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ تارقىلىشچان بولغان دېلتا ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 27 شەھەردە 350 دىن كۆپ كىشىنىڭ دېلتا ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى.

بېيجىڭدا ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆت ۋەقە بايقالدى.

بېيجىڭ مەسئۇللىرى ئەتراپتىكى رايونلاردىن شەھەرگە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە، خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەن كىشىلەرگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر رامكىسىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتى بايقالغان شەھەرلەردىكى ھەممە كىشىنىڭ پايتەخت بېيجىڭغا بېرىشى چەكلەندى. بۇ شەھەرلەردىن بېيجىڭغا قىلىنىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى، پويىز ۋە ئاپتوبۇس قاتنىشى توختىتىلدى.

بېلەت زاكاس قىلىش تور بەتلىرىدە، دېلتا ۋارىيانتى كۆرۈلگەن نەنجىڭ شەھىرى ۋە جاڭجيا جېي رايونلىرىغا پويىز بېلەتلىرىنىڭ يوقلۇقى كۆرۈلدى.

دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرى ۋە دۆلەت شىركەتلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋىرۇس بايقالغان شەھەرلەرگە ساياھەتكە بېرىشى ياكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بۇ شەھەرلەرگە ساياھەت تەشكىللىشى چەكلەندى.

ۋىرۇس بايقالغان شەھەرلەرگە بارغان بېيجىڭلىقنىڭ 14 كۈنلۈك كارانتىندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپى بولماستىن شەھەرگە كىرىشى چەكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر