ھىندىستان – خىتاي دائىرىلىرى چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1683535
ھىندىستان – خىتاي دائىرىلىرى چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىختىلاپىق چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تاشلىغان قەدىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكىمۇ پايدا يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان ئاخبارات ئورگىنى بلومبېرگنىڭ  ھىندىستاننىڭ 4 ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 28 – ئىيۇن كۈنى ھىندىستاننىڭ ئىختىلاپلىق چېگرا رايونىغا كەم دېگەندە 50 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئالاقىدار تارماقلار، ئەسكەرلەردىن سىرت يەنە، رايونغا ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراغلار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتلەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ھىندىستان ئارمىيەسى بولسا بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر