كانادادا كاتولىك پوپ يەرلىك كانادالىقلارنى پۇل ئۈچۈن يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىدى

مانىتوبا ئىشتاتىنىڭ پايتەختى ۋىننىپېگدا ئېمىل رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ پوپلىرىدىن بىرسى بولغان رېئال فورېست 10-ۋە 18-ئىيۇل كۈنى سۆزلىگەن ئىككى ئايرىم ۋەز-نەسىھەتتە ياتاقلىق چېركاۋ مەكتەپلىرىدە ھايات قالغان يەرلىكلەرگە دائىر ئەيىبلەشلەردە بولدى.

1682744
كانادادا كاتولىك پوپ يەرلىك كانادالىقلارنى پۇل ئۈچۈن يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا رەسمىي مېديا ئورگىنى «CBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پوپ رېئال فورېست ياتاقلىق مەكتەپلەردە قىلىپ، ھازىرمۇ ياشاۋاتقانلارنى «سوت مەھكىمىسىدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن جىنسىي سۈيىئىستېمال توغرىسىدا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

پوپ رېئال فورېست يەنە، كانادانىڭ شىمالىدا خىزمەت قىلغان 22 يىل جەريانىدا تونۇشقان يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پوپ رېئال فورېستنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى مانىتوبا باش پوپىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىمۇ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەمبەھىرلەنگەن تېمىغا مىڭلىغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى كەلگەن ئىدى.

مانىتوبانىڭ باش پوپى ئالبېرت لېگات «CBC» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، پوپ رېئال فورېستقا مۇناسىۋەتلىك سىنلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىنكاسلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش پوپ يەنە، رېئال فورېستنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋەز ئېيتىشىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر