شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئالاقە قاناللىرى قايتا ئېچىلدى

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن يىلى تاقىلىپ قالغان ئالاقە قاناللىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1680753
شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئالاقە قاناللىرى قايتا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن ئوتتۇرىسىدا تاقىلىپ قالغان ئالاقە قاناللىرىنى قايتىدىن ئېچىش ئۈچۈن ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملاشقان يېزىشىشلارنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئالاقە لىنىيەسىنىڭ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈمىد قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت ئاگېنتلىقىمۇ جەنۇبىي كورېيە ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتنى جەزملەشتۈردى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي كورېيەلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىدا دېڭىز يولى ئارقىلىق تەشۋىقات ۋاراقچىسى ئەۋەتكەنلىكىگە قارشى تەدبىر ئالالمىغانلىقى سەۋەبىدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنى تاقاشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر