بلىنكېن تۇنىس پىرېزىدېنتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، قانۇنىيلىق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1681015
بلىنكېن تۇنىس پىرېزىدېنتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈنۈگۈن (2021-يىلى 26-ئىيۇل) كەچتە قايىس سەئىدقا تېلېفون قىلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تۇنىس پىرېزىدېنتى قانۇنىيلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ، ئاساسىي قانۇن ئېتىراپ قىلغان ئىدارە-ئورگانلارنى ۋە دۆلەتنى قوغداش، شۇنداقلا جەمئىيەت تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننىڭ 80-ماددىسىنى ئىجرا قىلىش رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن تۋىتتېردا، تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد بىلەن تېلېفوندا ياخشى سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، تۇنىسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ۋە تۇنىسنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يۇقىرىدىكى باياناتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۋىتتېردا يەنە بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مەزكۇر باياناتىدا مۇنداق ادېدى:

«تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىدقا ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇشنى تەشەببۇس قىلدىم. بارلىق سىياسىي ئاكتىيورلار ۋە تۇنىس خەلقى بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردىم.»

تۇنىستا ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە قارشى نامايىشلار پارتلىغان بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ناخدا پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

تۇنىس پىرېزدېنتى قايىس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى توڭلاتقانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى، مەۋجۇت باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. تۇنىس ئارمىيە قىسىملىرى بۇنىڭدىن كېيىن، پارلامېنت باشلىقى ۋە ناخدا پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راشىد ئەلگاننۇشىنى پارلامېنتقا كىرگۈزمىگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت قايىس سەئىدنىڭ قارارىدىن كېيىن، خەلقنى تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان گاننۇشى، قانۇنىي ئاساسى بولمىغان بۇ قەدەمنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر