ئامېرىكا: ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا قالدۇقلىرى ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىيامى شەھىرىدىكى بىر ئاي ئىلگىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ قالدۇقلىرى ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
1679435
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار، ۋەقەدىن كېيىنكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خارابىلىك ئاستىدىن 97 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ قىلىنالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار قالدۇقلار ئاستىدىكى نەرسە – كېرەك ۋە شەخسىي بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
مىيامىنىڭ سۇرفسايد رايونىدىكى 40 يىللىق تارىخقا ئىگە 12 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ بىر قىسمى 24 – ئىيۇن تۇيۇقسىزلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى.
رايون مەسئۇللىرىنىڭ 2018-يىلى بىنا باشقۇرۇش ھەيئىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، 1981-يىلى سېلىنغان مەزكۇر بىنانىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.