كانادا باش مىنىستىرى: كانادادا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئورۇن يوق

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو دۆلىتىدە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئورۇن يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1679050
كانادا باش مىنىستىرى: كانادادا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئورۇن يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام دۈشمەنلىكى مەملىكەتلىك باشلىقلار يىغىنى، ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ ساندىكى مىنىستىرلىرى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تور مۇھىتى ئاستىدا  چاقىرىلدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، كانادادا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئورۇن يوق، ئەمما بۇ دۈشمەنلىك بىر كۈندىلا يوقايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. مۇسۇلمان كانادالىقلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى كونكرېت يوللار ئارقىلىق بېكىتىپ چىقتۇق، ھەمدە بۇ دۈشمەنلىك قاچان ۋە قەيەردە ئوتتۇرىغا چىقسا چىقسۇن، بىر تەرەپ قىلىش ئەھدىمىزنى يېڭىلىدۇق. ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جامەلەر ۋە جەمئىيەت مەركەزلىرىنى قوغداش يولىدا مەبلەغ سېلىۋاتىمىز.  تور ئەسەبىيلىكلىرى ۋە رادىكاللىق تورلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاشقۇن ئوڭچىل ئۆچمەنلىك گۇرۇپپىلىرىنى چەكلەۋاتىمىز. دۆلەت مىقياسىدا مۇسۇلمان كانادالىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان، بىخەتەر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كانادا بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر گۇرۇپپا ۋە ئېتىقادتىن كىشىلەرنىڭ، كوچىلاردا، سودا سارايلاردا ۋە خەلقكە ئوچۇق ساھەلەردە بىخەتەر ۋە ئەركىن – ئازادە ھالدا ھەرىكەت قىلالىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ترۇدو، بۇنىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر