ئافغانلارئارا سۆھبەت ئەسلىگە كەلدى

ئافغانىستاندىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان  زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلى باشلىنىپ 2021- يىلى 2- ئايدا بولۇشىغا تاشلاپ قويۇلغان ئافغانىستانلىقلار ئارا سۆھبەت قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا يېڭىدىن باشلاندى.

1676733
ئافغانلارئارا سۆھبەت ئەسلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشى رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ سۆھبەتنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستان مەسىلىسىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇللاھ، ھەر ئىككى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقنىڭ كەلگۈسى، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چوقۇم قۇربانلىق بېرىشى لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىشنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ قوللاۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئابدۇللاھ، تىنچلىق ئۈچۈن يارىتىلغان پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ: « داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئافغانىستان خەلقى بولىدۇ» دېدى.

تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى موللا ئابدۇلغەنى بىرادەرمۇ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مەسىلىلە ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر