تەيۋەندە ئىككى سائەت ئىچىدە 22 قېتىم يەر تەۋرىدى
تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى خۇالىن شەھىرىدە ئىككى سائەت ئىچىدە 22 قېتىم يەر تەۋرىدى.
1675112
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار رايوندا ئىككى سائەت ئىچىدە 22 قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى، يەر تەۋرەشنىڭ بەزى بىنالارغا زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇنجى يەر تەۋرەشنىڭ 5.2 بال بولغانلىقى ۋە يەر يۈزىدىن 5.9 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باشقا يەر تەۋرەشلەرنىڭ بولسا، 3 بالدىن 5 غىچە بولغان بولغانلىقى قەيىت قىلىندى.