كوسوۋۇنىڭ غەربىدە تەخمىنەن 1500 كىشى زەھەرلەندى

كوسوۋۇنىڭ غەربىدىكى دېچان شەھىرىدە تەخمىنەن 1500 كىشى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن زەھەرلەندى.

1675058
كوسوۋۇنىڭ غەربىدە تەخمىنەن 1500 كىشى زەھەرلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېچان شەھەر باشلىقى باشكىم راموساج تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەخمىنەن 1500 كىشىنىڭ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن زەھەرلىنىپ، دوختۇرخانىغا كۆرۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

راموساج قانۇن دائىرىسىدە پۈتۈن  شەھەر مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ماقۇللانغان قاراردىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە زەھەرلەنگەندىن كېيىنكى جىددىي ھالەتنى كونترول قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلدى.

دېچان شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئائىلىۋى تېببىي مەركىزىنىڭ مۇدىرى سېلمون بېرىشا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېمارلارنىڭ %99 نىڭ دېچاندا سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوشنا شەھەر ئىپەككە يوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

سېلمون بېرىشا زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كوسوۋۇ تاراتقۇلىرىدا 2 كىشىنىڭ زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما كوسوۋۇ سەھىيە مىنىستىرى ئاربېن ۋىتيا بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ زەھەرلىنىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى.

دېچانغا قاراشلىق 6 يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئىچىملىك ​​سۇ بىلەن زەھەرلەنگەنلىكلىرىگە دائىر گۇمانلار تارقالماقتا ئىدى.

كوسوۋۇ دۆلەتلىك ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ناسىر رامادانى يېزا-كەنتلەردىن ئېلىنغان سۇ ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغانلىقىنى ۋە سۇدىن زەھەرلىنىشنى بايقىمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رامادانى بۇ ئەھۋال ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاممىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر