ئامېرىكا ئافغانىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى كابۇل ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردەملىرىگە  مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

1674400
ئامېرىكا ئافغانىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن تەڭ كابۇل ھامىد كارزايى ئايرودورۇمىنى قوغداش مەسىلىسىدە ھەممەيلەننىڭ دىققىتى تۈركىيەگە مەركەزلەشكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، كابۇل ئايرودورۇمىدا ھازىرمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىنى، چېكىنىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئايرودورۇمنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ھازىرمۇ مۇزاكىرىلىرىمىز داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىققا رەھبەرلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىدىن مىننەتدارمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بېرىدىغان ياردىمى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس: «چېكىنىش ۋە ئافغانىستاننىڭ تېخىمۇ كەڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دائىر تۈركىيەنىڭ ئىجابىي رولىنى شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇساپىنى قوللىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر