كانادادا چېركاۋ مەكتەپلىرىدىن تېپىلىۋاتقان كىچىك بالا مازارلىقلىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا

كانادانىڭ برىتىش كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپكە تەۋە جايدا ئىسمى نامەلۇم 160 دىن ئارتۇق  كىچىك بالىنىڭ قەبرىسى تېپىلدى.

1674481
كانادادا چېركاۋ مەكتەپلىرىدىن تېپىلىۋاتقان كىچىك بالا مازارلىقلىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى «CBC» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي دېڭىز قولتۇقى ئاراللىرىدىن بىرى بولغان كۇپېر ئارىلىدىكى پېنىلاكۇت يەرلىك قەبىلىسىنىڭ كۇپېر ئارىلى ياتاقلىق چېركاۋىغا تەۋە رايوندا 160 دىن ئارتۇق «ھۆججەتسىز ۋە بەلگىسىز» قەبرىنى تاپقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پېنىلاكۇت يەرلىك قەبىلىسى ئاقساقاللىرىنىڭ قوشنا بىرىنچى خەلق يەرلىك ئاھالىلىرىنى بايقاشقا دائىر بەرگەن مەلۇماتلىرى سايىسىدا يېڭىدىن بايقالغان قەبرىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

قەبىلە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىز سىلەرنى كۇپېر ئارىلى ياتاقلىق چېركاۋ مەكتىپى مەيدانى ۋە قىرغاقلىرىمىزدا 160 تىن ئارتۇق ‹ھۆججەتسىز ۋە بەلگىسىز› قەبرىنى جەزملەشتۈرۈش خىزمىتىمىزگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېيىلدى.

خەۋەردە، قەبرىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى، قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كۇپېر ئارىلى ياتاقلىق چېركاۋ مەكتىپى، رەسمىي رويخەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 1890-يىلدىن 1970-يىلغىچە جەنۇبىي دېڭىز قولتۇقى ئاراللىرىدىن بىرى بولغان كۇپېر ئارىلىدا پائالىيەت قىلغان.

كانادادا چېركاۋ مەكتىپى ھويلىسىدا رويخەتكە ئېلىنمىغان بالىلار قەبرىسى تۇنجى قېتىم 29-مايدا بىرىتىش كولومبىيە ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاملوپس شەھىرىدىكى ياتاقلىق چېركاۋ مەكتىپىنىڭ باغچىسىدىن تېپىلغان ۋە 215 بالىنىڭ جەسىتى بىلەن تۇنجى قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

24-ئىيۇندىمۇ ساكاتچېۋان ئۆلكىسىدىكى مارىۋال ياتاقلىق چىركاۋ مەكتىپىنىڭ باغچىسىدا رۇيخەتكە ئېلىنمىغان 751 كىچىك بالىنىڭ جەسىتى بار قەبرىلەر تېپىلغان ئىدى.

بىرىتىش كولۇمبىيە ئۆلكىسىدىكى سابىق ساينىت ئېۋگېن بۇرچ چىركاۋى مەكتىپىنىڭ يېنىدىنمۇ 30- ئۇيۇندا رۇيخەتكە ئېلىنمىغان  182 كىچىك بالىنىڭ جەسىتى بار قەبرىلەر تېپىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر