كۇبادا يېقىنقى چارەك ئەسىرنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

كارىب دېڭىزى دۆلىتى كۇبادا نەچچە يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

1673859
كۇبادا يېقىنقى چارەك ئەسىرنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پايتەخت ھاۋانانىڭ 33 كىلومىتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان سان ئانتونىيو دې لوس بانوس بازىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نەچچە يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار پىرېزىدېنت مىگۇئېل دىئاز-كانېلغا «يوقالسۇن مۇستەبىتلىك»، «بىز ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەر، نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىنى «ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمىز، قورقمايمىز» دەپ ئىپادىلىگەنلىكى، بىر قىسىم رايونلاردا بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىرېزىدېنت دىئاز كانېل كۇبا تېلېۋىزىيەسى ۋە دۆلەت رادىيوسىدا تارقىتىلغان نۇتۇقىدا خەلقنى كۇبا ئىنقىلابىنى قوغداشقا چاقىرىپ: «بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيمىز، بارلىق ئىنقىلابچىلارنى ھەممىلا يەردە كوچىلارغا چىقىپ ئىنقىلابنى قوغداشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

دىئاز-كانېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنى تارقىلىشچان زۇكام مەزگىلدە كۇبادا سىياسى مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە قامال قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى قالايمىقانلاشتۇردى، دەپ ئەيىبلىدى.

دىئاز كانېل تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان يۇقۇم سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا دورا ۋە توك كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۆيدە تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادى خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەن كۇبادا، خەلق دورا يېتىشمەسلىك ۋە ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش مەسىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۇبادا 1994-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر