ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ئالاھىدە ھەرىكەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى
ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئالاھىدە ھەرىكەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىلورېنسىيە پارلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) دا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسىگە ئىمزا قويدى.
يىغىندىن كېيىن بەشبۇرجەكلىك بىنادىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن بۈگۈن ھۆكۈمىتىمىز بىلەن ئارمىيەمىز ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قايتا تەكىتلەش ئۈچۈن بەشبۇرجەكلىك بىنادا فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىلورېنسىيە پارلى بىلەن كۆرۈشتى» دېيىلدى.
باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئافرىقىدىكى ھەمكارلىقىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «مىنىستىر ئوستىن دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك تېمىلاردا فىرانسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى» دېيىلدى.
مىنىستىر پارلىمۇ باياناتىدا، يېقىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتناشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا دىققەتنى تارتىپ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلىرى بىلەن قايتىدىن جانلاندۇرغان ھەمكارلىق نىشانلىرىنى مەدھىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر ئوستىن بىلەن مىنىستىر پارلىنىڭ مۇزاكىرىلىرى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش يول خەرىتىسىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.