رۇسىيە: ئافغانىستاننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ئۆزگىرىشلەر ئافغانىستان زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ھېچنېمە قىلمايدۇ» دېدى.

1672854
رۇسىيە: ئافغانىستاننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ موسكۋادا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جاشانكار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئافغانىستاندا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلار، بىزنى پەقەت ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ زېمىنىغا مەسىلىلەرنىڭ تارقىلىشى نۇقتىسىدىن ئەندىشەگە سالىدۇ» دېدى.

ئۇ تالىباننىڭ تاجىكستان ۋە ئىران چېگرالىرىدىكى كونترول نۇقتىلىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ئۆزگىرىشلەر پەقەت ئافغانىستان زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھېچنېمە قىلمايدۇ. بارلىق ئافغانىستانلىقلار نامدا قوللىغان سىياسىي مۇساپىنىڭ بالدۇرراق باشلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايمىز» دېدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جاشانكار ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «چۈنكى بۇ زوراۋانلىقلار ھەم ئافغانىستانغا ھەمدە قوشنا دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىدۇ. ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئۈچۈن ئۇ يەردىكى مۇساپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە دېموكراتىك نۇقتىدىن ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر