پېسكوۋ: رۇس ئەمەلدارلارنىڭ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆرۈشۈشى زۆرۈر

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف، رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئالاقىلىشىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1672857
پېسكوۋ: رۇس ئەمەلدارلارنىڭ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆرۈشۈشى زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە بايانات بەردى؛ رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ موسكۋادا تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان پېسكوۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ ئۇچرىشىشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئافغانىستاندىكى ۋە ئافغانىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتنى چۆرىدىگەن ھالدا تالىبانلار بىلەن ئالاقە قىلىش زۆرۈر» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى. پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوف بىلەن تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ موسكۋادا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر