مىئامىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنادا تېپىلغان جەسەت 64 كە چىقتى
ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق مىئامى شەھىرىدە 24-ئىيۇن (2021) ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 13 قەۋەتلىك بىنانىڭ خارابىلىقىدىن تېپىلغان جەسەت سانى 64 كە چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىئامى-دېيد رايونىنىڭ باشلىقى دانىياللا لېۋىن كاۋا (Daniella Levine Cava) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىنانىڭ خارابىلىقىدىن چىقىرىلغان جەسەت سانىنىڭ 64 كە چىققانلىقىنى، 76 كىشىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل خادىملار، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ 14-كۈنىدە، خارابىلىق ئاستىدىن تىرىك قالغانلارنى تېپىش ئېھتىمالىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ىىزمەتلەرنىڭ جەسەتلەرنى تېپىش ۋە خارابىلىقنى يۆتكەشكە قارىتا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
مىئامى ساھىلىنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 5600 نوپۇسقا ئىگە سۇرفسايد (Surfside) رايونىدا 24-ئىيۇن 13 قەۋەتلىك 270 ئۆي بار «چامپلاين بىناسى» (Champlain Towers) نىڭ يېرىمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.
بىلدۈرۈلىشىچە، سۇرفسايد رايونىنىڭ مەسئۇللىرى بىنا مەسئۇللىرى بىلەن بولغان 2018 –يىلدىكى خەت-ئالاقىلىرىدە، 1981-يىلى سېلىنغان بۇ بىنادا قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولۇپ، تاملىرى يېرىلىشقا باشلىغان بىنادا تەخمىنەن 9 مىليون دوللارلىق رېمونت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
مەزكۇر بىنانىڭ ئېشىپ قالغان جەنۇب قىسمى 4-ئىيۇل (2021) بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن شۇ يەر ۋاقتى 22:30 دا كونتروللۇق ھالدا ئۆرۈلگەن ئىدى.