گوللاندىيەلىك ئاتاقلىق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست پېتېر ر. دې ۋرىس قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ژۇرنالىستنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ھۇجۇمغا چېتىشلىق ئۈچ كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1671297
گوللاندىيەلىك ئاتاقلىق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست پېتېر ر. دې ۋرىس قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ژۇرنالىستنىڭ بېشىغا يېقىن ئارىلىقتىن ئوق ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شاھىتلار كەم دېگەندە 5 پاي ئۇق ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئاتاقلىق ژۇرنالىست دوختۇرخانىداا بالنېستقا ئېلىنغان بولۇپ، ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

گوللاندىيە ساقچىلىرى ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر رۇتتې ھۇجۇمغا قارىتا «ئادەمنى چۆچىتىدىغان ۋەقە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

64 ياشلىق گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچى ژۇرنالىست پېتېر ر.دې ۋرىس جىنايى تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇچ خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى.

ژۇرنالىستنىڭ توختىماي تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە بىر مەزگىل قوغداش ئۈچۈن ساقچى تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر