ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەلچىخانا ئۈستىدىن ئۇچقان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى، ئەلچىخانا ئۈستىدىن ئۇچقان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1670434
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەلچىخانا ئۈستىدىن ئۇچقان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خالىمىغان ئىراقلىق بىر خەۋپسىزلىك خادىمى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، باغدادتىكى يېشىل رايونغا جايلاشقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۈستىدىن ئۇچقان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى – ئەين ئەلئەسەد تۈنۈگۈن راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكا نىشانلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئىرانغا يېقىن شىئە كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر