مىڭلارچە ئافغانىستان ئەسكىرى تالىبان ھۇجۇمىدىن قېچىپ تاجىكىستاندىن پاناھلىق تىلىدى

تالىبان ھۇجۇملىرىدىن قاچقان مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان ئەسكىرى ئافغانىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ تاجىكىستاندىن پاناھلىق تىلىدى.

1670374
مىڭلارچە ئافغانىستان ئەسكىرى تالىبان ھۇجۇمىدىن قېچىپ تاجىكىستاندىن پاناھلىق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا قاراشلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوخون، شىكاي، نۇساي، موھىماي، شۇنگون ۋە سۇلتون ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدىن قاچقان 1377 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ دۆلەت چېگراسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن تاجىكىستانغا ئۆتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھازىر تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر