رۇسىيەنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1670097
رۇسىيەنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن، بۇ دۆلەتتە شەكىللىنىدىغان ۋەزىيەت بىزنى ئەندىشەگە سالىدۇ. ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ناھايىتى ئەپسۇسكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ يولنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان بىلەن «مەسلىھەت قىلىنمىغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە زاپاس قىسىملىرىنى تاجىكستان-ئافغانىستان چېگراسىغا ئەۋەتىش ئېھتىمالى توغرىسىدا بولسا: «زاپاس قىسىملارنى ئەۋەتىش مەسىلىسىدە، بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ۋەزىيەت ياخشى يۆلىنىشتە ئىلگىرىلىمەيۋاتىدۇ. چېگرا قوغداش قىسىملىرىمىز ئەھۋالغا قاراپ زۆرۈر قارارلارنى ئالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر