«BioNTech» ۋاكسىناسىنىڭ كوۋىد-19 نىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا قارشىمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى چىقتى
ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا «Pfizer-BioNTech» شىركەتلىرى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «BioNTech» ۋاكسىناسىنىڭ كوۋىد-19نىڭ دېلتا تۈرىگە قارشى %70 ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
1669852
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش شىركىتى (KAN) ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «Pfizer-BionNTech» ۋاكسىناسىنىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «Pfizer-BioNTech» شىركەتلىرى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «BioNTech» ۋاكسىناسىنىڭ كوۋىد-19 نىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا قارشىمۇ %70 ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.
ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، «BioNTech» ۋاكسىناسىنىڭ كوۋىد-19 نىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىغا قارشى %95 ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
بۇ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنگەن كىشىلەرنىڭ كوۋىد -19 نىڭ باشقا ۋارىيانتلىرى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆپ كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.