ياپونىيەدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ياپونىيەنىڭ ئاتامى شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن كەم دېگەندە 20 ئادەمنىڭ غايىب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1669230
ياپونىيەدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنڭ ئاممىۋى تارقىتىش شىركىتى — NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ياپونىيەنىڭ ئاتامى شەھىرىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر، بۇ ھەپتە بېشىدىن باشلاپ ياپونىيەدە قاتتىق يامغۇر يېقىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاتامى شەھىرىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ نەق مەيداندا داۋاملىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.


خەتكۈچ: #ياپون

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر