لىۋىيە دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنى ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى

لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئىشتىراكچىلىرى 24-دېكابىردا لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پارلامېنت ۋە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق رامكىسىنى بېكىتىش مەسىلسىىدە يارىشىش ھاسىل قىلالمىدى.

1669180
لىۋىيە دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنى ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە شىۋېيتسارىيەدە چاقىرىلغان لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئىشتىراكچىلىرى 24-دېكابىردا لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پارلامېنت ۋە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق رامكىسىنى بېكىتىش مەسىلسىىدە يارىشىش ھاسىل قىلالمىدى.

ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە ب د ت لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئەترىتى ماسلاشتۇرغۇچىسى رايسېدون زېنېنگا، 28 – ئىيۇندىن 2 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا شىۋېيتسارىيەنىڭ نيون بازىرىدا چاقىرىلغان لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

زېنېنگا لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا ئېنىق پىكىر ۋە روشەن ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن كەلگەنلىكىنى، 4 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنالمىغاچقا يەنە بىر كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنىۋە بىر ياراشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

75 مۇنبەر ئەزاسى ئىچىدىن تاللانغان 13 كىشى بىلەن قۇرۇلغان يارىشىش كومىتېتىنىڭمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان زېنېنگا: «بارلىق پۇرسەتلەرگە قارىماي ، يەنىلا ئورتاق پىكىرنىڭ بولماسلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ، 24-دېكابىردىكى سايلامنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق رامكىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سايلامغا ۋە سايلامنىڭ 24- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلۈشىگە ياردەمچى بولمايدىغان تەكلىپلەر نەزەرگە ئېلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر