ئۇگاندادا يۈزلىگەن ئادەمگە ساختا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى پاش بولدى

ئافرىقا دۆلىتى ئۇگاندادا كەم دېگەندە 800 كىشىگە ساختا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1667999
ئۇگاندادا يۈزلىگەن ئادەمگە ساختا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى پاش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر ساختا ۋاكسىنىنىڭ 15-مايدىن 18-ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا ئاساسلىقى پايتەخت كامپالا ئەتراپىدىكى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلاردا ئەملەنگەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ توغرىدا مەلۇمات بەرگەن سەھىيە ئەمەلدارى ۋاررېن نامارا: «ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ساختا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 800 گە يېتىدۇ. بۇ ساختا ماددا تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ئەملەنگەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى كىشى قولغا ئېلىنغان، بىر دوختۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

ئۇگاندا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر بۇ دۆلەتتە 79 مىڭدىن ئارتۇق ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى بايقالغان بولۇپ، تەخمىنەن 900 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغان. جەمئىي 843 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر