يەمەندە 26 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

يەمەن ئارمىيەسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك توقۇنۇشلاردا 26 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1662591
يەمەندە 26 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق 3 – ھەربىي رايون ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇسىيلار مەغرىب شەھىرىنىڭ غەربىدىكى سارۋاھ يېزىسىدا يەمەن ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 26 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلارغا قاراشلىق «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەن ئارمىيەسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، مەغرىبنىڭ سارۋاھ يېزىسىنى ئۇدا 24 قېتىم بومباردىمان قىلغان، راگۋان ۋە مەدگال يېزىلىرىغىمۇ 5 قېتىم ھۇجۇم قىلغان.

مەغرىب شەھىرىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، يەمەن باش مىنىستىرى مۇئىن ئابدۇلمەلىك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بولغان چاقىرىقتا، ئىرانغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

يەمەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇلمەلىك، ئىراننى يەمەندىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر