ب د ت باش كاتىبى ئىران پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا بايانات بەردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئىران پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا بايانات بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن جۈمە كۈنىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئىبراھىم رەئىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «باش كاتىپ گۇتېررېس، ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئىرانلىقلار بىلەن رايون خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئاساسىدا ئىران دائىرىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە» دېدى.
ب د ت نيۇ يوركتىكى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «شۇبھىسىزكى، نورمال مۇساپە يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ» دېگەن دۇجاررىك، رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا تېخى ئالتە ھەپتە ۋاقىت بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
ئىراندا 18 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ئىبراھىم رەئىسى ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %62 ىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ 8 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانىدى.