ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تالىبان 20 ئارتۇق ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارياب ۋە جۇزجان ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق ئىككى ناھىيە تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

1661125
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تالىبان 20 ئارتۇق ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارىياب ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇل ئەھەد ئىلبېك تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ فارىيابقا قاراشلىق خوجا سەبزپوش ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناھىيە مەركىزىنىڭ تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇل ئەھەد ئىلبېك، ناھىيە مەركىزىدە نۇرغۇنلىغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تالىبان قوراللىق ئۇنۇسرلىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇزجان ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەمرۇددىن دانىشجۇ جۇزجانغا قاراشلىق مۇردىيان نەھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنىڭمۇ تالىبانلارنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەمرۇددىن دانىشجۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ناھىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 16 ئامانلىقنى  ساقلاش خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، 14 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خوجا سەبزپوش ۋە مۇردىيان رناھىيەسىدىكى بارلىق ئاممىۋى بىنالار ۋە ساقچىخانىلارنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە، ئافغانىستان مىقياسىدا تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ناھىيەلەرنىڭ سانى 20 دىن ئاشتى.

ئافغانىستاننىڭ 34 ۋىلايەت مەركىزى  بولسا، ھازىرمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر