زامبىيەدە يولۇچىلار ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى

زامبىيەدە يولۇچىلار ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ كەم دېگەندە 19 ئادەم قازا قىلدى.

1659745
زامبىيەدە يولۇچىلار ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە يۈز بەرگەن مۇڭۋى رايونىدىكى ساقچى باشلىقى جېستۇس نسوكولونىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپىنچىسى رايوندىكى يانفون بازىرىدا ئىشلەيدىغان تىجارەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان 57 يولۇچى ئولتۇرغان  يۈك ئاپتوموبىلى،  سۈرئەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولۇشى ۋە ئېغىر يۈك سەۋەبىدىن «چامبېشى دەرياسى» غا چۈشۈپ كەتكەن، قازادا  كەم دېگەندە 19 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، ۋەقەدىن كېيىن شوپۇر قېچىپ كەتكەن، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر