سومالىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىدا بىر ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 10 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1658346
سومالىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئەمەلدارى ئابدىفەتتاھ ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمى، پايتەخت موگادىشۇنىڭ ۋاداجىر رايونىدىكى گېنېرال داگابادان ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئەتىگەن تەرەپلەردە يۈز بەرگەن.

سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەلىم ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىشى ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 10 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئەسكەر يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، «ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب» دەپ قارالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر