ئىراقتىكى تۈرك شىركىتى سالغان دوختۇرخانا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

ئىراقتا بىر تۈرك شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنغان دوختۇرخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1656643
ئىراقتىكى تۈرك شىركىتى سالغان دوختۇرخانا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى، زىكار ۋىلايىتىدىكى تۈرك ئۇنىۋېرسال ئاجارسان شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنغان ناسىرىيە تەربىيىلەش - تەتقىقات دوختۇرخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش لىنتىسىنى كەستى.

كازىمى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزى جەريانىدا: «بىز ئىراقتىكى ئەڭ زامانىۋى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرىنى ئېچىۋاتىمىز، بۇ دوختۇرخانىدا  داۋالاش ساھەسىدىكى نۇرغۇن تارماق ۋە تېخنىكا ئەسلىھەلىرى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ دوختۇرخانىنىڭ 492 كارىۋات سىغىمچانلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كازىمى، دوختۇرخانىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى رىزا گۈنەيمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈرك شىركىتىنىڭ ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە ۋە مەيسان، ۋاسىت (قۇت) ۋىلايەتلىرى بىلەن سالاھۇددىن شەھىرىگە قاراشلىق تۇزخۇمارتۇ ۋە دۇجەيل رايونلىرىدىكى دوختۇرخانا قۇرۇلۇشلىرى داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر شىركەت كەربالادىكى ئىمام ھەسەن ئەلمۇجتەبا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۇنى ئۆتكەن يىلى ئىراق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر