ئامېرىكادىكى ژۇرنالىستلار: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئىشلەۋاتقان 500 دىن ئارتۇق ژۇرنالىست بىرلەشمە خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى خەۋەرلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيىتى ۋە سىياسىتىگە ئالاقىدار پاكىتلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1656495
ئامېرىكادىكى ژۇرنالىستلار: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئوچۇق خەت» ماۋزۇلۇق مەكتۇپتا، ئامېرىكادا خەۋەر يازغاندا «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇمنى يوشۇرۇش»قا خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىندى.

«ۋاشىنگىتون پوچتىسى»، «ۋال سترىت جورنال» ۋە «لوس ئانژېلېس ۋاقتى» قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 514 ژۇرنالىست ئىمزا قويغان مەزكۇر مەكتۇپتا: «ھەقىقەتنى نامايان قىلىش ۋە كۈچلۈكلەردىن ھېساب سوراش ئاخباراتچىلىقنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاخبارات ساھەمىز ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن خەۋەرلىرىگە كەلگەندە بۇ قىممەت قاراشلاردىن ۋاز كەچتى. بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى خەۋەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ نېگىزلىك تەرەپلىرىنى يوشۇرىدىغان بايان قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئالدىدۇق» دېيىلدى.

مەكتۇپتا، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئاخباراتچىلىقتىكى بۇ خاتا قىلمىشقا ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەقىقەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن خاتىمە بېرىش ۋە ئاخباراتچىلىقتىكى يۆنىلىشنى دەرھال ئۆزگەرتىشنىڭ بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق بېسىمنىڭ پاكىتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلار يوشۇرۇلماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مەكتۇپتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 27 - ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.

مەكتۇپتا يەنە «مۇخبىرلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەۋەرلىرىمىزنىڭ بۇ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن - ئەتتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك» دېيىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يۈز بەرگەن شەرقىي قۇددۇسنىڭ شەيخ جەرراھ رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلىشى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ رامىزاندىكى مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى قاتارلىق ۋەقەلەردە ئىشلىتىلگەن خەۋەر تىلى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىغا 10-مايدا باشلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرى 21-مايدا ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئاخىرىلاشقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 66 كىچىك بالا ۋە 39 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 254 پەلەستىنلىك شېھىت بولغان، 1948 كىشى يارىلانغان، مىڭلارچە بىنا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر