G7 دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنى بۈگۈن باشلاندى

G7 دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۈگۈن (2021-يىلى 11-ئىيۇن) ۋابا باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم گاللېرغا قاراشلىق كورنۋول (Cornwall) دىكى كاربىس (Carbis) تا باشلانغان ۋە 13-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان يىغىندا ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ.

1656161
G7 دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنى بۈگۈن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G7 دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراغى (Mario Draghi)، ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىدە سۇگا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

بۇ يىلقى يىغىنغا، ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison)، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جيائېن، جەنۇبىي افرىقا پىرېزىدېنتى سىيرىل رامافوسا (Cyril Ramaphosa)  ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى تەكلىپ قىلىندى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ يىغىنغا، دۆلەتتە يېقىنقى كۈنلەردىكى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن 12-ئىيۇن سىنلىق شەكىلدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر