بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئىدلىب يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئىدلىب يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 13 پۇقرا يارىلاندى.

1655255
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئىدلىب يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئىدلىب يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 13 پۇقرا يارىلاندى.

سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىدلىب يېزىسىغا، توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

يارىلانغان 13 پۇقرانىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلاردىن ئۈچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەتىگەندە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان موزارا، بەليۇم، فاتتىرا ۋە كەفەراۋىد يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2020-يىلى 5-مارت رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا، تۈركىيە-رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى پات-پات خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇرۇش توختىتىش چوڭ كۆلەمدە قوغدالماقتا. 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە تەخمىنەن 2 مىليون كىشى رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن بولغان رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر