ئافغانىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ مەيدان ۋارداق ۋىلايىتىنىڭ چېگاتۇ ناھىيەسىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشى قازا قىلدى.
1654455
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، چېگاتۇ ناھىيەسىدە تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن « Mİ-17» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تالىبان ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.