ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مىۋە سۈيىگە «قۇددۇس قۇزغىلىڭى» دەپ ئىسىم قويغان ياشنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستنلىك بىر ياشنى ھەقسىز تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان مىۋە سۈيىگە «قۇددۇس قۇزغىلىڭى» دەپ ئىسىم قويغانلىقى يۈزىسىدىن قولغا ئالدى.

1653745
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مىۋە سۈيىگە «قۇددۇس قۇزغىلىڭى» دەپ ئىسىم قويغان ياشنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Yediot Aharonot» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى شەرقىي قۇددۇسنىڭ جەنۇبىدىكى جەبەل ئەل مۇكەببىر بازىرىدا يېڭى سىقىلغان مېۋە سۈيى ساتىدىغان دۇكانغا بېسىپ كىرگەن ۋە دۇكان خوجايىنى 27 ياشلىق پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان.

قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىك ياش ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە، مەسجىدى ئەقسا ھەمدە شەيخ جەرراھ مەھەللىسى ئاھالىلىرىگە  شۇنداقلا ئىشغال قىلىنغان كونا شەھەردىكى باب ئەل ئامۇد (دەمەشىق دەرۋازىسى) ئالدىدا توپلانغان پەلەستىنلىكلەرگە «قۇددۇس قۇزغىلىڭى»  دەپ يېزىلغان مىۋە سۈيىنى ھەقسىز تارقاتقانلىقى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تونۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر