ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى كېنېس مېكانزى (Kenneth McKenzie) ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى تاماملىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1653727
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى كېنېس مېكانزى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى تاماملىدۇق ۋە پۈتۈنلەي چېكىنىشنى سېنتەىر ئېيىغىچە يېتىشتۈرىمىز. ئامېرىكا ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ سىرتىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. رايوندىكى باشقا جايلاردا ئەل قائىدە ۋە دائېشنىڭ پىيىگە چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىمىز بار. بۇ مەسىلىدە رايوندىكى باشقا شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ پەقەت سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يوقىتىش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكاغا ياكى باشقا شېرىكلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قابىلىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈنلا ئەسكەر تۇرغۇزغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كېينكى ۋاقىتلاردا، بۇ خەۋپسىزلىك ساقلاش ۋەزىپىسىنى خەلقئارانىڭ ياردىمى ۋە مەبلىغى بولماي تۇرۇپ ئۈستىگە ئالالايدىغان يەرلىك خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايمىز. ئەلبەتتە بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋاقىتتا بولىدىغان ئىشلار.»

ئامېرىكا سۈرىيەدە ئۆزىنى «س د گ» (SDG) دەپ ئاتايدىغان ي پ گ|پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ئامېرىكانىڭ قوللىشى ىلەن دېيرىزور ۋىلايىتىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نۇرغۇن رايونلارنى ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر