تالىبان ئافغانىستاندا يەنە بىر ناھىيەنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارياب ئۆلكىسىگە قاراشلىق دۆلەت ئاباد ناھىيەسى تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

1653868
تالىبان ئافغانىستاندا يەنە بىر ناھىيەنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارىياب ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇل مەننان كاتى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان دۆلەت ئاباد ناھىيەىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىدە ناھىيە مەركىزىنىڭ ئەتىگەندە تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئابدۇل مەننان كاتى، ناھىيە مەركىزىدىكى ۋەلىي مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان 30 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوقلىقىنى ئېيتتى.

فاريابنىڭ يەنە بىر ۋىلايەتلىك كېڭەش مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇل ئەھەد ئىلبەكمۇ ھۇجۇمدا 2 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ تالىبان ماي ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان مەملىكەت مىقياسىدا 8 ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر