لىۋىيە «پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى قارار قىلدى

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىت دىبەيبە ھۆكۈمەتنىڭ «پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1653017
لىۋىيە «پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، باش مىنىستىر دىبەيبە پايتەخت تىرىپولىدا دۇنيا مۇھىت ئاسىراش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ىر مۇراسىمغا قاتنىشىپ: «لىۋىيە پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنى ئىمزالىمىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بۈگۈن غۇرۇر ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاشنى قارار قىلدى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

لىۋىيە باش مىنىستىرى دىبەيبە كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتقا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ دۇنيا مۇھىت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيانىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېما ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئۈستىدە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بېسىم توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىنى ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

ئۇ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە چەكلىمە قويۇش ۋە مۇۋاپىق چەكتە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمى ۋە پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ كىلىمات ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر