نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 88 كىشى قازا قىلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ كەببى ئۆلكىسىدە قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 88 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
1652480
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەببى ئۆلكىلىك ساقچى باياناتچىسى نافىئۇ ئەبۇبەكىر 3-ئىيۇن كۈنى كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ كەببى ئۆلكىسىگە قاراشلىق 8 رايونغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەبۇبەكىر: «ھۇجۇمدىن كېيىن 88 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى» دېدى.
نافىئۇ ئەبۇبەكىر رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئاپرېلدىمۇ كەببى ئۆلكىسىدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 9 نەپەر ساقچى قازا قىلغان ئىدى.