پ ك ك تېررورچىلىرى پەشمەرگەلەرنى پىستىرمىغا چۈشۈردى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلىرى) مۇئاۋىن مىنىستىرى سەربەست لەزگىن، پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ پەشمەرگەلەرنى پىستىرمىغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1652219
پ ك ك تېررورچىلىرى پەشمەرگەلەرنى پىستىرمىغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلىرى) مۇئاۋىن مىنىستىرى سەربەست لەزگىن، بەش پەشمەرگەنىڭ دوھۇكتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قۇرۇلغان پىستىرمىغا چۈشۈپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەربەست لەزگىن مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، پ ك ك نىڭ دوھۇكنىڭ ئامەدى ناھىيەسىدە پەشمەرگە قىسىملىرىنى پىستىرمىغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا بەش پەشمەرگەنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ يارىدارلارنىڭ ئامەدىدىكى دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر