زەنگەنە: نىفىت چەككىلەش ئورنىدىكى ئوت ئاپىتى ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمىدى

ئىران نېفىت مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، تۈنۈگۈن پايتەخت تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز ئاپىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1651089
زەنگەنە: نىفىت چەككىلەش ئورنىدىكى ئوت ئاپىتى ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، تۈنۈگۈن پايتەخت تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بېرىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زەنگەنە ئىران تاراتقۇلىرىغا تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى شەھىد توندگۇيان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدىكى ئوت ئاپىتى ئىشلەپچىقىرىش قىسمىدا ئەمەس ، بەلكى ئىككى ئامباردا يۈز بەردى. ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى زىيانغا ئۇچرىمىدى. ئوت كەتكەن ئامبارلارنىڭ ئەتراپىنى سوغۇتۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

نېفىت مىنىستىرى زەنگەنە، ئوتنىڭ ئىككى ئامباردىكى ھىدرو كاربون تۈگەپ بولغۇچە داۋاملىشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر