ئىران دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى
ئىران دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت «ھارق» ناملىق ھەربىي پاراخوت ئۇممان دېڭىزىدا كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.
1650081
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت «ھارق» ناملىق ھەربىي پاراخوتقا، ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاسك پورتى ساھىللىرىدا ئوت كەتكەنلىكى، ئۇدا 20 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىز قېلىشى سەۋەبلىك، پاراخوتنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاراخوتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىغانلىقى ، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، «ھارق» ناملىق ھەربىي پاراخوت، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇدا 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پاراخوتى ئىكەن.