بىرما ئارمىيەسىنىڭ 80 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بىرمانىڭ شەرقىدىكى كاياخ ئىشتاتىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە 80 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1650133
بىرما ئارمىيەسىنىڭ 80 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1-فېۋرال (2021) ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان كارەن مىللەتلىرى مۇداپىئە كۈچى(KNDF)  نىڭ باياناتچىسى يېقىنقى 24 سائەتتە ئىشتاتتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار توغرىسىدا «The Irrawaddy» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر باياناتچى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 1-ئىيۇن) ئىشتاتنىڭ پايتەختى لويكاۋ (Loikaw) شەھىرىدىن دېموسو (Demoso) غا تەخمىنەن 150 ئەسكەرنىڭ ھەرىي ھەرىكەت ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ۋە يول ئۈستىدە كارەن مىللەتلىرى مۇداپىئە كۈچى جەڭچىلىرىنىڭ تۇزاق قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ توقۇنۇشلاردا 80 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئاھالىلەر رايونلىرىغا تىك ئۇچار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ تۇرالغۇ رايونلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالتە بومبا تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما پۇرالارنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

بىرما ئارمىيەسى تۈنۈگنكى توقۇنۇشلاردا قانچە ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر